دانىيەدە قۇش زۇكىمى بايقالدى
دانىيەدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى (H5N8) بايقالغاندىن كېيىن، 50 مىڭ توخۇنىڭ يوقىتىلىشى قارار قىلىندى.
1927365
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيە يېمەكلىك ۋە كونترول قىلىش ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئورۇم بازىرىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى، شۇڭا دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى 50 مىڭ توخۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.