ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن كەلگەنلەردىن  تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلمايدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن كەلگەنلەردىن «كوۋىد – 19» يۇقۇمى تەكشۈرتۈشىنى مەجبۇر قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1925561
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن كەلگەنلەردىن  تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبلىك، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياپونىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ، خىتايدىن كەلگەنلەرگە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى تەكشۈرتۈشىنى مەجبۇر قىلىشىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ سەھىيە دائىرىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

يىغىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ساياھەت بەلگىلىمىلىرى مەسىلىسىدە ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇشى ئۈچۈن داۋاملىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى توغرۇلۇق قارار چىقىرىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان ياۋروپا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى (ECDC) مۇ خىتايدىكى «كوۋىد – 19» ۋىرۇسىنىڭ « Omicron BF.7» ۋارىيانتىنىڭ ياۋروپادىمۇ تارقالغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا، ياۋروپادا ھەم «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى تارىخى ھەم ۋاكسىنا ئەملەش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇڭا، خىتايدىكى  يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ياۋروپاغا كۆپ تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتايدىن كەلگەنلەردىن «كوۋىد – 19» يۇقۇمى تەكشۈرتۈشىنى تەلەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قارىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىن ئىتالىيە، خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلاردىن «كوۋىد – 19» يۇقۇمى تەكشۈرتۈشىنى مەجبۇر قىلغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى مىقياسىدىمۇ شۇنداق قارار چىقىرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

ياۋروپادا «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىدا ئازىيىش كۆرۈلۈشكە باشلىشىدىن كېيىن، بارلىق ساياھەت چەكلىمىلىرى بىكار قىلىنغانىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىمۇ 13 – دېكابىر(2022)  كۈنى ئەزا دۆلەتلەرگە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان ساياھەت چەكلىمىلىرىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەۋسىيە قىلغان، ھەمدە زۆرۈر تېپىلغاندا «جىددىي تەدبىرلەر» نىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر