قاراتاغ پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

قاراتاغ پىرېزىدېنتى مىلو دۇكانوۋىچ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەتە تۈركىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

1925412
قاراتاغ پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ ئىستانبۇلدا  ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە – قاراتاغ مۇناسىۋەتلىرى ھەر جەھەتتىن تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن، ھەمدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، بالقان رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر