زېلېنىسكىي: ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى ئالدىمىزدىكى يىلغا تەييار ھالەتكە كەلتۈرۈۋاتىمىز

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي 24-فېۋرال (2022) باشلانغان رۇسىيە -ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ئارمىيەنى كېلەر يىلىغا تەييار ھالەتكە كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1924587
زېلېنىسكىي: ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى ئالدىمىزدىكى يىلغا تەييار ھالەتكە كەلتۈرۈۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي تۈنۈگۈن كېچە (27-دېكابىر) تېلېگرامما سۇپىسى ئارقىلىق خەلققە سىن كۆرۈنۈشلۈك خىتاب قىلىپ، دۆلىتىنىڭ رۇسىيەگە قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى؛ ئۇ، ئۆزىنىڭ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئالدىنقى سەپتىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇچرىشىشتا، ئارمىيەنىڭ كېلەر يىللىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن زېلېنسكىي: «بىز ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى كېلەر يىلغا تەييار ھالەتكە كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. بۇ ھەل قىلغۇچ بىر يىل بولۇشى كېرەك» دېدى.

زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بارلىق پەسىللەرگە تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز قىشتىكى خەۋپلەرنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى، ئەتىيازدا نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى، قىسقىسى پۈتكۈل مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرى نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ بارلىق زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان زېلېنسكىي، 2023 – يىلىغا بۇ ئىشەنچ بىلەن كىرىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر