ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «تىكتوك»نى مەنئى قىلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئىشلىتىۋاتقان رەسىمىي ئۈسكۈنىلەرگە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى تىكتوك ئەپىنى چۈشۈرۈشىنى چەكلىدى.

1924770
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «تىكتوك»نى مەنئى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىجرائىيە دىرېكتورى ئىشخانىسى ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ۋە خىزمەتچىلىرىگە ئېلخەت يوللاپ، رەسىمىي ئۈسكۈنىلەرگە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى تىكتوك ئەپىنى چۈشۈرۈشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئۇقتۇرۇشتا: «تور بىخەتەرلىك ئىشخانىسىنىڭ <تىكتوك>نى يۇقىرى بىخەتەرلىك خەۋىپى دەپ قارىغانلىقى»، شۇڭا ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئۈسكۈنىلەرگە بۇنىڭدىن بۇرۇن قاچىلانغان تىكتوك ئەپلىرىنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى دىرېكتورى كىرىس ۋرايمۇ <تىكتوك> نىڭ كونتروللۇقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ ئامېرىكاغا نىسبەتەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئەندىشەسى پەيدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانىدى.

تىكتوك مەشغۇلات بۆلۈمى باشلىقى ۋانېسا پاپپاس سېنتەبىردە (2022) ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر يىغىندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىكتوكنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر