ب د ت تالىباننى خانىم - قىزلارغا قاراتقان چەكلىگۈچى سىياسەتلىرىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تالىبانلارنى ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قاتنىشىشىنى چەكلەيدىغان قارار ۋە سىياسەتلەرنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

1924766
ب د ت تالىباننى خانىم - قىزلارغا قاراتقان چەكلىگۈچى سىياسەتلىرىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، تالىبانلارنىڭ ئاياللارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇشىنى ۋاقتىنچە توختىتىش قارارىدىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تالىباننىڭ ئافغانىستان قىزلىرىنىڭ ئالتىنچى سىنىپتىن كېيىن مەكتەپتە ئوقۇشىنى مەنئى قىلغان قارارى ئەيىبلەنگەن باياناتتا، ئافغانىستاندىكى ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە تولۇق، باراۋەر ۋە ئەھمىيەتلىك قاتنىشىشى تەلەپ قىلىندى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشى تالىبانلارنى مەكتەپلەرنى قايتىدىن ئېچىشقا چاقىرىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكلەرگە ھۆرمەت قىلىشنى «كۈنسېرى چىرىتىۋاتقان» سىياسەتلەرنى تېزدىن ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئافغانىستاندىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ئاياللارنىڭ ئىشلىشىنى چەكلەش قارارىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان كېڭەش، بۇ چەكلەشنىڭ دۆلەتتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەرىكەتلىرىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تالىبان 24 – دېكابىر(2022) ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئايال خىزمەتچى قوبۇل قىلىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويغانىدى؛ تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئىقتىساد مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئابدۇراھمان ھەبىب، مىنىستىرلىقنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى ئافغانىستاندىكى بارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ئەۋەتكەنلىكىنى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئايال خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشاتمىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىجازەتنامىسىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقى 20-دېكابىر ئافغانىستاندىكى ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى بارلىق مەكتەپلەرگە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشىنىڭ ئىككىنچى بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغىچە ۋاقتىنچە توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

تالىبانلارنىڭ ئۆتكەن يىلى 15-ئاۋغۇست ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىشىدىن كېيىن، ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي ساھەلەردە ئىشلەيدىغان نۇرغۇن ئاياللار خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر