زېلېنىسكى: ئامېرىكادىن ياخشى نەتىجىلەر بىلەن قايتتۇق

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ياخشى نەتىجىلەر بىلەن قايتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1922689
زېلېنىسكى: ئامېرىكادىن ياخشى نەتىجىلەر بىلەن قايتتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنىسكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلغان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىش يولىدا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Telegram سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان سىنلىق باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ۋاشىنگتوندىن دۆلىتىمىزگە قايتىۋاتىمىز، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ياخشى نەتىجىلەر بىلەن قايتتۇق. دەرۋەقە، بۇ نەتىجىلەر بىزگە ھەقىقىي رەۋىشتە ياردەمچى بولىدۇ.»

«ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا نىسبەتەن «دۆلەت ۋە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان زېلېنىسكى، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئۇكرائىنا ئۈچۈن بۇ مەسىلە ھەل بولدى، ئىقتىسادىي ياردەممۇ بار، باشقا كېلىشىملەرمۇ بار، بۇ ھەقتە كېيىنچە بايانات ئېلان قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر