7 – گ گۇرۇھى: ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم بېرىمىز

7 – گ گۇرۇھى دۆلەتلىرى ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

1922966
7 – گ گۇرۇھى: ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم بېرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كاندا، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيەدىن تەشكىل تاپقان 7 – گ گۇرۇھى دۆلەتلىرى، رۇسىيەنىڭ 24 – فېۋرال (2022) ئۇكرائىناغا قوزغىغان ئۇرۇشىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدى ۋە ئۇرۇشنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

7 – گ گۇرۇھى دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بېلارۇسىيەدىن رۇسىيەنىڭ زېمىنىدىن پايدىلىنىشىغا يول قويماسلىقى تەلەپ قىلىندى، بېلارۇسىيە رۇسىيە قوزغىغان ئۇرۇشقا بىۋاسىتە داخىل بولغان تەقدىردە، بېلارۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

7 – گ گۇرۇھى دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ۋە مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىگە، بولۇپمۇ ھاۋا مۇداپىئەسىگە بولغان جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم كۈچ چىقىرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىنىڭ ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى تەشۋىق قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى قىزغىن قارشى ئالغان 7 – گ گۇرۇھى دۆلەتلىرى، رۇسىيەنى ھۇجۇمنى توختىتىشقا ھەمدە قىسىملىرىنى ئۇكرائىنانىڭ بارلىق زېمىنلىرىدىن پۈتۈنلەي ۋە شەرتسىز چېكىندۈرۈشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر