پۈتكۈل دۇنيا تالىبانغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ئافغانىستاندا تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قىز ئوقۇغۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇشىنى توختىتىشىدىن كېيىن، پۈتكۈل دۇنيا تالىبانغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1922436
پۈتكۈل دۇنيا تالىبانغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە كانادا قاتارلىق 12 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېف بوررېل، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

باياناتتا، تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇشىنى ۋاقتىنچە توختىتىش قارارى ئەيىبلەندى. تالىبانلارنىڭ ئاياللارغا قارىتىلغان زۇلۇم تەدبىرلىرىنىڭ رەھىمسىزلەرچە ۋە سىستېمىلىق ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇنداق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تالىبانلار ئافغانىستان خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن تېخىمۇ يىراقلاشماقتا.»

پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، بەھرەين، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى،  تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، كابۇل ھۆكۈمىتىنى بۇ قارارىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا تۈركىيەمۇ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلگەنىدى: «ئافغانىستاندىكى بارلىق قىزلارنىڭ مائارىپ ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش، بۇ دۆلەتنىڭ پاراۋانلىقى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا، تالىبان ھۆكۈمىتىدىن بۇ قارارىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلىمىز.»

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنمۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

بۇ جەرياندا، ئافغانىستاننىڭ جالالئاباد شەھىرىدە تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر