گىرېتسىيە تاراتقۇسى: تۈركىيەنىڭ ئالاقە كۈچى گىرېتسىيەدىن ئۈستۈن

گىرېتسىيە مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىنغان بىر ئوبزوردا، تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلىش خىزمەتلىرىنى گىرېتسىيەدىن ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1921715
گىرېتسىيە تاراتقۇسى: تۈركىيەنىڭ ئالاقە كۈچى گىرېتسىيەدىن ئۈستۈن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاسىلىس نېدوسنىڭ «كاتېمىرىنى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدا، گىرېتسىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئاساسىي مىللىي قاراشلارنى ئىپادىلەش خىزمەتلىرىنى ھەۋەسكارلارچە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەكسىچە، تۈركىيەنىڭ ئۆز تەشۋىقاتىنى شەكىللەندۈرۈشتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇزۇن مەزگىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان لىنىيەنى ئاساس قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، گىرېتسىيەنىڭ «ھېچكىمگە جاۋاب قايتۇرماسلىق» تاكتىسىنى قوللىنىشىنى ئەيىبلىدى.

ئوبزوردا، تۈركىيە ھەققىدە «ئەمما، ئەنقەرە ئۆزىنىڭ لىنىيەسىنى ھەر قېتىم ئۈستەلگە يېڭى مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇشقا مۇۋەپپەق بولدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئالاقە كۈچىنىڭ گىرېتسىيەدىن ياخشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئوبزوردا، گىرېتسىيەنىڭ ئۇچۇر تارقىتىش مېخانىزمى ۋە ئۈنۈملۈك ئاممىۋى دىپلوماتىيەسى جەھەتتە يېتەرلىك ئەمەسلىكى، ئافېنانىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر