فىرانسىيەدىكى پويىز كونترول خادىملىرىنىڭ ئىش تاشلىشى روژدېستۋا بايرىمى ئۈچۈن مەسىلە پەيدا قىلدى

فىرانسىيەدە پويىز كونترول خادىملىرىنىڭ ئىش تاشلىشى سەۋەبىدىن 23 - دېكابىر جۈمە كۈنى پىلانلانغان ھەر 3 پويىز قاتنىشىنىڭ بىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

1921752
فىرانسىيەدىكى پويىز كونترول خادىملىرىنىڭ ئىش تاشلىشى روژدېستۋا بايرىمى  ئۈچۈن مەسىلە پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دۆلەتنىڭ رەسمىي تۆمۈر يول شىركىتى «SNCF» نىڭ  كونترول خادىملىرىنىڭ ئىش تاشلىشى سەۋەبىدىن خىرىستىيانلار روژدېستۋا بايرىمىنى تەبرىكلىەيدىغان مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا پويىز قاتنىشىدا زور ئاقساشلار مەيدانغا كېلىدىكەن.

كونترول خادىملىرىنىڭ ئىش تاشلىشى سەۋەبىدىن جۈمە كۈنى ھەر 3 پويىز قاتنىشىنىڭ بىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھەپتە ئاخىرىدا مۆلچەرلەنگەن 800 مىڭ پويىز يولۇچىسىدىن تەخمىنەن 200 مىڭ كىشىنىڭ پويىزغا چىقالمايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

پويىز كونترول خادىملىرى مائاشلىرىنىڭ ئۆستۈرۈپ بېرىلىشىنى ۋە  ئۆزلىرىگە شوپۇرلارنىڭكىگە ئوخشاش سالاھىيەت بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر