ئىراندا كوچىلار قايتىدىن نامايىشچىلار بىلەن تولدى

ئىراندا مەھسا ئەمىنىنىڭ ساقچىخانىدا قازا قىلىشىدىن كېيىن 17 - سېنتەبىردە (2022) باشلانغان ۋە ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان كەچتە دېرىزە ۋە بالكونلاردىن ھۆكۈمەتكە قارشى شوئارلارنى توۋلاش ئارقىلىق داۋاملاشقان نامايىش قايتىدىن كوچىلارغا تاشتى.

1921005
ئىراندا كوچىلار قايتىدىن نامايىشچىلار بىلەن تولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىلان ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى بولغان رەشت شەھىرىدە، كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ،  يوللارنى قامال قىلدى ۋە شوئارلارنى توۋلاپ يۈرۈش قىلدى.

نامايىشچىلار كوچىلاردا گۈلخان يېقىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

ئەلبۇرز ئۆلكىسىنىڭ كەرەچ شەھىرىدىمۇ نۇرغۇن ساندا خەلق توپى ھۆكۈمەتكە قارشى شوئارلارنى توۋلاپ، چوڭ يول ۋە كوچىلاردا يۈرۈش قىلدى.

پايتەخت تېھراننىڭ كامالزادە كوچىسى ۋە تېھرانپارس رايونى قاتارلىق جايلاردىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچى گۇرۇپپىلار ھۆكۈمەتكە قارشى شوئارلارنى توۋلاپ، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

تېھراننىڭ ۋەلىئەسىر مەيدانى ئەتراپىدا بىخەتەرلىك قىسىملىرى يولغا قويغان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

تېھراندا 13 – سېنتەبىردە «ئەخلاق ساقچىلىرى» تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ھۇشىدىن كېتىپ، بالنېستقا ئېلىنغان 22 ياشلىق مەھسا ئەمىنىنىڭ 16 - سېنتەبىردە ساقچىخانىدا قازا قىلىشى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.

مەركىزى نورۋېگىيەگە جايلاشقان ئىران كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى (IHR) 18 – دېكابىردا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، نامايىش جەريانىدا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشى سەۋەبىدىن 469 نامايىشچىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

نامايىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان نامايىشچىلاردىن بىرى <مۇھسىن شىكارى> قولغا ئېلىنىپ 75 كۈندىن كېيىن، 8 – دېكابىردا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان ھەمدە <مەجىدرىزا راھنەۋەردى> قولغا ئېلىنىپ 23 كۈندىن كېيىن 12 - دېكابىردا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر