پۇتىن: بېلارۇسىيە ئىتتىپاقدىشىمىز

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بېلارۇسىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1921310
پۇتىن: بېلارۇسىيە ئىتتىپاقدىشىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكتا بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق قىسمىدا قىلغان سۆزىدە، لۇكاشېنكو بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەمكارلىق ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىخەتەرلىك مەسىلىسىمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلىلەردىن بىرىدۇر. يېقىنقى مەزگىللەردە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە ۋە خەلقئارالىق ساھەلەردە ھەمكارلىققا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمىز. مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىن ئاساسىي جەھەتتىن خۇرسەنمىز. بېلارۇسىيە بىزگە نىسبەتەن بىر قوشنا دۆلەت بولۇشتىنمۇ بەكرەك مۇھىمدۇر. قىسقىسى، بېلارۇسىيە بىزنىڭ ئىتتىپاقدىشىمىزدۇر.»

لۇكاشېنكو بولسا، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قويۇق ھەمكارلىىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سودا ئومۇمىي سوممىمىزنىڭ ئېشىشى ۋە ئىلگىرى ھەمكارلىققا توسالغۇ بولۇۋاتقان كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيەگە قارشى تۈرلۈك ساھەلەردە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلمەكتە. ئېمبارگولارنىڭ تەسىرىنى بولسا، ئورتاق قەدەملەرنى تاشلاش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر