تايلاند دېڭىز ئارمىيە پاراخوتى تايلاند قولتۇقىدا چۆكۈپ كەتتى

باشقا پاراخوتلار ۋە تىك ئۇچارلار پاراخوت خادىملىرىنى سۇدىن چىقىرىش ئۈچۈن رايونغا يوللاندى.

1920528
تايلاند دېڭىز ئارمىيە پاراخوتى تايلاند قولتۇقىدا چۆكۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاند دېڭىز ئارمىيەسى ئەتىگەندە 75 خادىمنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ۋە 31 خادىمنىڭ يەنىلا سۇدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۈچلۈك شامال يەكشەنبە كۈنى كەچتە HTMS سۇخوتەي كارىدورىدىكى ئېلېكتىر سىستېمىسىنى ئىشلىمەس ھالغا كەلتۈرگەن.

تايلاند خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتتىن دېڭىز سۈيىنى چىقىرىپ، پاراخوتتىكىلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن كۆچمە پومپا ماشىنىسى ۋە ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئۈچ قوغدىغۇچى پاراخوت ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كۈچلۈك شامال سەۋەبىدىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى يېرىمىدا توخىتاپ قالغان.

توك ئۈزۈلۈش سەۋەبىدىن پاراخوتقا تېخىمۇ كۆپ دېڭىز سۈيى كىرگەن بولغاچقا پاراخوت يانغا يېتىپ سۇغا غەرق بولغان.

بۇ ۋەقە، پراچۇاپ خىرى خان ئۆلكىسىگە قاراشلىق بانسافان رايونىدىكى پىرىستاندىن 32 كىلومىتىر يىراقلىقتا دېڭىزدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان پەيتتە يۈز بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر