لىۋان تۈرمىسىدىن 26 مەھبۇس قېچىپ كەتتى
لىۋاننىڭ شەرقىدىكى بەقا ۋادىسىدىغا جايلاشقان تۈرمىدىن 26 مەھبۇس قېچىپ كەتتى.
1920698
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «NNA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەقا ۋادىسىدىكى جۇب جەننىن تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 26 مەھبۇس ئەتىگەندە شامال ئۆتۈش ئېغىزىدىن قېچىپ كەتكەن.
ۋەقەدىن كېيىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى باشلىغان ھەرىكەتتە، ھازىرغىچە 1 مەھبۇس قولغا چۈشكەن.
خەۋەردە قېچىپ كەتكەن مەھبۇسلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مال ۋە قورال ئەتكەسچىلىكى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان جىنايەتچىلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.