پولشا رۇسىيەنى «تېررورنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت» دەپ ئېلان قىلدى
پولشا پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى قارار ماقۇللاپ، رۇسىيەنى «تېررورلۇقنى قوللىغۇچى دۆلەت» دەپ جاكارلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى (Sejm) تۈنۈگۈن كەچتە (14-دېكابىر) بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارالىق قانۇنلارغا سىستېمىلىق ھالدا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رۇسىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «سېجم (پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى) رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنى تېررورلۇق قوراللىرىنى يولغا قويىدىغان ۋە تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
باياناتتا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى توغرىسىدا: «بۇ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، سىياسىي مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدۇر» دېيىلدى.
باياناتتا، 2010-يىلى رۇسىيەنىڭ سمولېنىسكا شەھىرىدە پولشا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى پولشا پىرېزىدېنتى لېچ كاچىنسكىي، باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ ھەربىي قوماندانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 96 كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارىنىڭ رۇسىيە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.