ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاي شارىغا ئالەم كېمىسى يوللىغان  تۇنجى ئەرەب دۆلىتىگە ئايلاندى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى «راشىد» ناملىق چارلىغۇچى ئالەم كېمىسىنى تەتقىقات مەقسىتىدە ئاي شارىغا يوللىدى.

1917557
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاي شارىغا ئالەم كېمىسى يوللىغان  تۇنجى ئەرەب دۆلىتىگە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاي شارىغا ئالەم كېمىسى يوللىغان تۇنجى ئەرەب دۆلىتىگە ئايلاندى.  

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAM» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «راشىد» ناملىق ئالەم كېمىسى ئامېرىكا ئالەم كېمىسى ۋە راكېتا ئىشلەپچىقارغۇچى «SpaceX» شىركىتىنىڭ «Falcon 9» ناملىق راكېتاسى بىلەن، ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى كېيپ كاناۋېرال بازىسىدىن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئالەم كېمىسى تەخمىنەن 5 ئايدىن كېيىن، ئاي شارىغا يېتىپ بارىدىكەن.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 30 - نويابىردا (2022) تەتقىقات مەقسىتىدە ئاي شارىغا يوللىماقچى بولغان ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىش ۋاقتىنى ئىككى قېتىم كېچىكتۈرگەن ئىدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قويۇپ بېرىدىغان ئالەم كېمىسىنىڭ، ئاي شارىنىڭ گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى قىيالار، پلازما، چاڭ-توزان ۋە ئاي تۇپرىقى قاتارتلىقلارنى تەتقىق قىلىش شۇنداقلا يېڭى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن سانلىق مەلۇمات توپلاش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر