سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىراننىڭ يادرو قورال پىلانى ئۈستىدە توختالدى

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرخان «ئىران يادرو قورالغا ئېرىشكەن تەقدىردە قانداق قىلىشقا دائىر بارلىق تاللاشلار ئۈستەلدە» دېدى.

1917763
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىراننىڭ يادرو قورال پىلانى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرخان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن 15 - نۆۋەتلىك دۇنيا سىياسەت كونفېرانسى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، رايوننىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

فايسال بىن فەرخان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە دائىر «شۈبھىلىرى» بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئەگەر ئىران يادرو قورالغا ئېرىشسە، بارلىق تاللاشلار ئۈستەلدە بولىدۇ» دېدى.  

بىن فەرخان خەتەرلىك رايوندا ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئەلۋەتتە رايوندىكى دۆلەتلەردىن ئۆز بىخەتەرلىكلىرىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىسىز» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان مىنىستىرى يەنە مۇنداق دېدى:

«ئىراننىڭ يادرو قورال پىلانىدا مەنپەئەتى يوقلۇقىنى ئاڭلاۋاتىمىز. بۇنىڭغا ئىشىنىش كىشىنى تولىمۇ راھەتلەندۈرىدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ كاپالەتكە ئېھتىياجلىقمىز.»

ئىران خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى (IAEA) غا دوكلات قىلمىغان ئۈچ ئورۇندا يادرو ئالامەتلىرى بايقالغان ۋە يادرو بايقاشلىرى توغرىسىدىكى سوئاللارغا، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋاب بېرەلمەسلىكى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا يىرىكچىلىكلەرنى ياراتقان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر