زېلېنىسكى: رۇسىيە باخمۇت شەھىرىنى يوق قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكى دونېتسىك رايونىنىڭ مۇھىم باخمۇت شەھىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە تامامەن ۋەيران بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1917190
زېلېنىسكى: رۇسىيە باخمۇت شەھىرىنى يوق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنىسكى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Telegram سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان سىنلىق باياناتىدا، 24 – فېۋرالدىن بۇيانقى رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ دونېتسك شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، دونباس رايونىنىڭ باخمۇت، سولېدار، ماريىكا ۋە كرېمىننا قاتارلىق ھالقىلىق ناھىيەلىرىنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدىكى ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ رايونلاردا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ۋەيران قىلمىغان يەر قالمىدى. تاجاۋۇزچىلار باخمۇت شەھىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى.»

يەنە بىر تەرەپتىن، زېلېنىسكى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى ۋە ئۇكرائىنانى قوللىغانلىقى ئۈچۈن سۇناكقا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر