ياۋروپا رۇسىيەگە 9-قېتىملىق ئېمبارگو پىلانىنى تەييارلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن رۇسىيەگە قارشى 9-قېتىملىق ئېمبارگو پىلانىنى تەييارلىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1916516
ياۋروپا رۇسىيەگە 9-قېتىملىق ئېمبارگو پىلانىنى تەييارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن تۋىتتېر ئادرېسىدا، رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگو پىلانىنىڭ تەپسىلاتلىرى چۈشەندۈرۈلگەن بىر ۋىدېئو ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئۆلۈم ۋە ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ پۇقرالارغا ۋە ئۇل-ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇكرائىنانى قىش پەسلىدە پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «بىز ھازىرغىچە ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان سەككىز ئېمبارگو پىلانى رۇسىيەنى قىيناۋاتىدۇ. بۈگۈن 9-ئېمبارگو پىلانى بىلەن رۇسىيەگە بولغان بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە تەخمىنەن 200 كىشى ۋە قۇرۇلۇشلارنى كىرگۈزۈشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تىزىملىكنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى، رۇسىيە دۇماسى ۋە فېدېراتسىيە كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىنى، مىنىستىرلار، شۇنداقلا نۇرغۇن سىياسەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنالىق كىچىك بالىلارنى رۇسىيەگە ئېلىپ قاچقانلار ۋە ئۇكرائىنانىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئوغرىلىغانلارنىڭمۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ رۇسىيە رايونلۇق تەرەققىيات بانكاسىغا تولۇق سودا چەكلىمىسى قويۇلغانلىقىنى، ئۈچ بانكاغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشنى تەكلىپ قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، بۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ مالىيە ۋاستىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ ھەر تۈرلۈك ئۇچقۇ ۋە درونلارغا ئېرىشىشىنى ئۈزۈپ تاشلايمىز. ئۇچقۇ موتورلىرىنىڭ رۇسىيەگە ۋە ئىرانغا ئوخشاش رۇسىيەنى بۇ خىل مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىشىمۇ چەكلىنىدۇ.»

ئۇ رۇسىيەنىڭ تەتۈر تەشۋىقات قىلىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدىغانلىقلىرىنى، بۇ رامكىدا رۇسىيەنىڭ تۆت تېلېۋىزىيە قانىلىغا ئېمبارگو يۈزگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ: «رۇسىيە ئېنېرگىيەسى ۋە كانچىلىق ساھەسىگە قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىمۇ تەكلىپ قىلىمىز» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەكلىپلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تەستىقلىشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر