ئامېرىكا: ئۇكرائىناغا چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىۋاتقىنىمىز يوق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ياردەم بەرمەيۋاتقانلىقلىرىنى ۋە تەشۋىق قىلمايۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1915749
ئامېرىكا: ئۇكرائىناغا چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىۋاتقىنىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيەنىڭ غەربىدىكى بىر ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا ھۇجۇم قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ئۇكرائىنانى پەقەت ئۆزىنىڭ زېمىنى ھەمدە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشى شۇنداقلا رۇسىيەگە قارشى ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشى ئۈچۈنلا قورال - ياراغلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇكرائىناغا قورال - ياراغلارنى رۇسىيەنىڭ تېررىتورىيەلىرىدە ئىشلىتىشى ئۈچۈن بەرمىدۇق. بىز بۇلارنى پەقەت ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىشى لازىملىقىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بايان قىلدۇق. پىرېزىدېنت بايدىنمۇ بۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئۇكرائىناغا چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارسۇن دەپ ياردەم بېرىۋاتقىنىمىز يوق، ئۇكرائىنانى چېگرا سىرتىدا ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇۋاتقىنىمىزمۇ يوق.»

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇكرائىنانىڭ يېقىنقى كۈنلەردە رۇسىيەنىڭ غەربىي قىسمىدا 3 ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر