بۇركىنا فاسودا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

بۇركىنا فاسونىڭ غەربى قىسمىدىكى قانۇنسىز ھالدا ئېچىلغان كىچىك تىپلىق ئالتۇن كېنىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ تۆت ئادەم قازا قىلدى.

1915580
بۇركىنا فاسودا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۇي شەھىرىدىكى قانۇنسىز ئېچىلغان ئالتۇن كانىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تۆت ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر كان يېقىندا بىخەتەرلىك خەۋپى نەزەردە تۇتۇلۇپ تاقىۋېتىلگەن بولسىمۇ، كان خوجايىنى ئۇنى قانۇنسىز ھالدا ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرغان.

ئۆكتەبىر ئېيىدىمۇ شىمالىي نامىنتېنگا ئۆلكىسىدىكى بىر قانۇنسىز ئالتۇن كانىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 27 ئادەم قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر