ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈردى
ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانېس، ئۆزىنىڭ كوۋىد-19 تەكشۈرۈشى نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقىنى، داۋالىنىش مەزگىلىدە خىزمەتلىرىنى ئۆيىدىن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1914656
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانېس، ئۆزىنىڭ كوۋىد-19 تەكشۈرۈشى نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقىنى، داۋالىنىش مەزگىلىدە خىزمەتلىرىنى ئۆيىدىن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن كۆپچىلىكنى يۇقۇم تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشكە، ئائىلىسى ۋە قوشنىلىرىنى ئاسراش ئۈچۈن قوشۇمچە تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇرىمەن» دېدى.
ئالبانېس بۇ يىلنىڭ بېشىدىمۇ ۋىرۇس يۇقتۇرۇۋالغان بولۇپ، فېدېراتىپ سايلام پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمىنى داۋاملاشتۇرالمىغانىدى.
ئالبانېس، 12-13-دېكابىر كۈنلىرى پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىدە ئىككى كۈن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.