جەنۇبىي ئافرىقادا دەريادا دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزگەن 30 كىشىدىن 14 ى قازا قىلدى

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ جوھاننىسبۇرگ شەھىرىدىكى جۇكسكېي دەرياسىدا دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزگەن چېركاۋ ئەزالىرىدىن 14 كىشى قاتتىق يامغۇردىن كېيىن دەريانىڭ تېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن قازا قىلدى.

1914732
جەنۇبىي ئافرىقادا دەريادا دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزگەن 30 كىشىدىن 14 ى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقا جوھاننىسبۇرگ جىددىي قۇتقۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ باياناتىدا، قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن جوھاننىسبۇرگ شەھىرىدىكى جۇكسكېي دەرياسىنىڭ تېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

كەلكۈن نەتىجىسىدە دەريادا دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈۋاتقان 30 نەپەر چېركاۋ ئەزاسىدىن 14 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كەلكۈندە غايىب بولغان 16 كىشىنى ئىزدەپ تېپىش تىرىشچانلىقى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر