گىرېتسىيە ئارمىيەسى «رودوس ئارىلى» دا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

گىرېتسىيە ئارمىيەسى خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ئاساسەن ھەربىي سالاھىيەتتىن خالىي بولۇشقا تېگىشلىك «رودوس ئارىلى» دا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

1914191
گىرېتسىيە ئارمىيەسى «رودوس ئارىلى» دا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى (ERT) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «كولوسسوس» ناملىق ھەربىي مانېۋىردا، «رودوس ئارىلى» دىكى بارلىق سىستېمىلار «ئاگاھلاندۇرۇش» ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى تەھدىت پەيتىدە قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر بېكىتىلگەن.

ھەربىي مانېۋىرغا، بىرونىۋىكلار، موتورلۇق پىيادە ئەسكەرلەر قىسىملىرى، ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترەتلىرى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرىمۇ قاتناشقان.

ئىگىلىنىشىچە، «رودوس ئارىلى» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 ئارالنىڭ، خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ئاساسەن ھەربىي سالاھىيەتتىن خالىي قېلىشى شەرت ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر