FBI: «تىك-توك» ئامېرىكا ئۈچۈن بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ياراتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش بىيورۇسى (FBI) نىڭ دىرېكتورى كرىس ۋراي ئاممىۋى تاراتقۇ مۇنبىرى «تىك-توك» نىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەندىشە ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1914255
FBI: «تىك-توك» ئامېرىكا ئۈچۈن بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋراي، مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلاردىكى مەزمۇنلارنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، خىتاينىڭ «تىك-توك» ئارقىلىق توپلىغان مەلۇماتلارنى جاسۇسلۇق ئۈچۈن ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بارلىق مەلۇماتلار بىز بىلەن ئورتاق قىممەتلەرنى ئورتاقلاشمايدىغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا. بۇ ھۆكۈمەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ. شۇڭا، بۇ ئەندىشە پەيدا قىلىشى كېرەك.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش بىيورۇسى، ئىلگىرى كۆپ قېتىم «تىك-توك» ئارقىلىق توپلانغان مەلۇماتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «يامان غەرەزدە» ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، «تىك-توك» مەشغۇلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋانېسا پاپپاس، سېنتەبىردە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا، خىتاي ھۆكۈمىىنىڭ بۇ پىروگراممىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قەتئىي ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر