كونگودا ئىسيانچىلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئونلارچە پۇقرا ئۆلدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كىۋۇ ئۆلكىسىدە، ئىسيانچىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 50 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1913755
كونگودا ئىسيانچىلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئونلارچە پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسى باياناتچىسى مايور سىلۋايىن ئېكېنگېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، « 23-مارت ھەرىكىتى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىسيانچى گۇرۇپپا ئەزالىرى،  شىمالىي -  كىۋۇ ئۆلكىسىنىڭ رۇتشۇرۇ رايونىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 50 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى، رىۋاندانىڭ، شىمالىي -  كىۋۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىي شەھىرى گومانى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان «23-مارت ھەرىكىتى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىسيانچى گۇرۇپپىنى قوللاۋاتقانلىقىنى  ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىكەن.

رىۋاندا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك جىددىيچىلىك داۋاملاشماقتا ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرىغا قارىغاندا، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا لىنىيەلىرىدە قېزىپ چىقىرىلىۋاتقان بىر قىسىم قىممەتلىك مېتاللار ئىسيانچىلار تەرىپىدىن قوشنا دۆلەتلەرگە ئەتكەس قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر