ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى باشلاندى
نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى پولشا ئۆتەۋاتقان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى باشلاندى.
1913357
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ۋارشاۋادىن 140 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى لودز شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن، ئۇيدا 2 كۈن داۋاملىشىدۇ.
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈنۈگۈن، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29 – نۆۋەتلىك مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پولشانىڭ لودز شەھىرىگە يۈرۈپ كەتكەنىدى.
چاۋۇشئوغلۇ، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھېلگا شىمىد بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.