مۇقدىشودىكى بىر مېھمانسارايدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سومالى پايتەختى مۇقدىشودا پىرېزىدېنتلىق سارىيى ئەتراپىدىكى بىر مېھمانسارايدا ئىككى بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

1911692
مۇقدىشودىكى بىر مېھمانسارايدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى سوننانىڭ (SONNA) خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، پايتەخت مۇقدىشودىكى ۋىللا روز (VillaRose) مېھمانسارىيىدا ئىككى بومبا پارتلىغان ۋە ئارقىدىن قوراللىق ئېتىشىش يۈز بەرگەن.

مەزكۇر مېھمانسارايغا مىنىستىرلار ۋە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى پات-پات كېلىپ-كېتىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ھۇجۇملاردا ئۆلۈم ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىپ-بەرمىگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

دۆلەتلىك باش ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى سادىق دودىشە: «پۇقرالار ۋە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى. جىنايەتچىلەر بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدۇ» دېدى.

بەزى خەۋەر تور بەتلىرىدە، سومالى خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مۇھەممەد ئەھمەت دودىشەنىڭ ھۇجۇملاردا يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر