بىرازىلىيەدە ئىككى مەكتەپكە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 4 كە ئۆرلىدى

بىرازىلىيەدە جۈمە كۈنى 16 ياشلىق بىر ھۇجۇمچىنىڭ ئىككى مەكتەپكە قىلغان ھۇجۇمىدا، يارىلانغان بىر كىشىنىڭ قازا قىلىشى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 4 كە ئۆرلىدى.

1911479
بىرازىلىيەدە ئىككى مەكتەپكە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 4 كە ئۆرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئاگېنسىيا براسىل» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىرازىلىيەنىڭ ئېسپىرىتو سانتو ئۆلكىسىدە تۇنجى ھۇجۇم يۈز بەرگەن پىرىمو بىتتى مەكتىپىدە 38 ياشلىق ئوقۇتقۇچى فلاۋىيا ئامبوس مېرچون دوختۇرخانىدا داۋالاش جاريانىدا قازا قىلغان. شۇنداق قىلىپ، ئىككى مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا 3 ئوقۇتقۇچى ۋە 1 ئوقۇغۇچى بولۇپ، جەمئىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى 4 كە كۆپەيگەن.

دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان 5 كىشىدىن 4 نەپىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەنلىكى، ئۇلاردىن ئىككىسىنىڭ 11 ۋە 14 ياشلاردىكى ئۆسمۈر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

جۈمە كۈنى بىرازىلىيەنىڭ شەرقىدىكى ئېسپىرىتو سانتو ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئاراكرۇز شەھىرىنىڭ كوكېيرال مەھەللىسىگە جايلاشقان ئىككى مەكتەپكە بىر كىشى قوراللىق ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

ھەربىي فورما كېيىپ، يۈزىگە ماسكا تاقىۋالغان ھۇجۇمچى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىدە مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پىرىمو بىتتى مەكتىپىگە بېسىپ كىرىپ ئۇققا تۇتقاندىن كېيىن، يەنە شۇ كوچىدىكى باشقا بىر مەكتەپكىمۇ قوراللىق ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

دائىرىلەر كىملىكى بىلدۈرۈلمىگەن ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ 16 ياشلىق ئۆسمۈر ئىكەنلىكىنى، ھۇجۇمنى 2 يىل پىلانلىغانلىقىنى ۋە ناتسىست بەلگىلىك بىلەيزۈك تاقىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېسپىرىتو سانتو ئۆلكىسى ۋالىيسى رېناتو كاساگراندې ھۇجۇم سەۋەبىدىن ئۆلكىدە 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر