خىتايدا كۈندىلىك ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى رېكورت ياراتتى

خىتايدا كۈندىلىك كوۋىد-19 بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋىرۇس تارقانلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

1910540
خىتايدا كۈندىلىك ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلەرنىڭ سانى 4010 كىشىگە، ئالامەتسىز يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 27 مىڭ 646 گە يەتكەن ۋە بىر كىشى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغان.

ختايدا كۈزدە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا  يۇقۇملىنىش كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ يۇقۇملىنىش دولقۇنىدا ئومىكروننىڭ تارقىلىشچانلىقى يۇقىرى بولغان «BA.5.2» تارماق تىپىنىڭ تارقىلىشى نۇقتىلىق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى جىڭجۇدا يۇقۇملىنىش كونترولدىن چىققانلىقى سەۋەبىدىن، 8 رايوندا پۇقرالارغا 5 كۈن بويىنچە يېمەكلىك ۋە داۋالاش ئېھتىياجى سېتىۋىلىشتىن باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئۆيدىن سىرىتقا چىقماسلىق چەكلىمىسى قويۇلدى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ۋە خىتاينىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى بولغان گۇاڭجۇدا بولسا، خۇبېي ئۆلكىسىدىن ئىشلەشكە كەلگەن ئىشچىلارنىڭ كارانتىندىن كېيىن ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئورنىغا قايتىشىغا يولغا قويۇلمىغانلىقى ۋە ئەمەلىي ھالدا ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، قامال قىلىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان خەيجۇ ناھىيەسىگە قاراشلىق مەھەللىلەردە ئولتۇرۇشلۇق ئىشچىلاردىن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغانلارنىڭ ۋاقىتلىق كارانتىن مەركىزىگە ئەۋەتىلگەنلىكى، ئەمما كارانتىن ۋاقتى تولغاندىن كېيىنمۇ ئىشچىلارنىڭ تۇرالغۇ مەھەللىلىرىگە قايتا كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى  ئۇقتۇرۇلدى.

پايتەخت بېيجىڭدىكى يۇقۇم نىسبىتىمۇ يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. ئالدىنى  تەدبىرلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچەيتىلگەنلىكى مەلۇم.

تەخمىنەن 22 مىليون نوپۇسى بولغان بېيجىڭدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەنلەرنىڭ سانى 500 گە ۋە ئالامەتسىز يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1139غا يەتكەنلىكى ئېنىقلاندى. بېيجىڭدا، يېقىنقى ئىككى كۈندە كۈندىلىك يۇقۇملىنىش سانى 1000 دىن ئېشىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر