رۇسىيەلىك يۇتۇبېرلار پولشا پىرېزىدېنتىنى ئەخمەق قىلغان

پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرىج دۇدا ئۆزىنى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دەپ تونۇشتۇرغان رۇسىيەلىك يۇتۇبېر تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىندى.

1909946
رۇسىيەلىك يۇتۇبېرلار پولشا پىرېزىدېنتىنى ئەخمەق قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  پولشا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى ئكتكەن ھەپتە دۇدانىڭ ئۆزىنى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دەپ تونۇشتۇرغان بىر كىشى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، پىرېزىدېنت دۇداغا 15-نويابىر (2022) يۈز بەرگەن پولشانىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا يېقىن بىر يېزىدا ئىككى كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋەقەسىدىن كېيىن، نۇرغۇن رەھبەرلەرنىڭ تېلېفون قىلغانلىقى خاتىرىلىتىلدى.

لەقىمى  ۋوۋان ۋە لېكسۇس بولغان ۋلادىمىر كۇزنېتسوۋ بىلەن ئالېكسى ستولياروۋ تەرىپىدىن يۇتۇبقا قويۇلغان ۋىدېئودا، دۇدانىڭ ماكرون دەپ ئويلىغان كىشىگە، ئۆزىگە تېلېفون قىلغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتقانلىقى كۆرۈلىدۇ.

پىرېزىدېنت دۇدا ۋىدېئودا يەنە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋەقەسىدىن كېيىن، ناتودىن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىش پىلانىنى ۋە قوشنا دۆلەت ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلغان رۇسىيە بىلەن ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئىنتايىن دىققەت بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ.

پىرېزىدېنت دۇدا يەتتە مىنۇت بويىچە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋەقەسىدە رۇسىيەنى ئەيىبلىمىگەنلىكىنى، ئەمما ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ پولشا زېمىنىغا چۈشكەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى تەكرارلايدۇ.

رۇس يۇتۇبېرلار 2020-يىلىمۇ پولشا پىرېزىدېنتى دۇدانى ئۆزىنى ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس دەپ تونۇشتۇرۇپ كولدورلاتقان ئىدى.

ۋلادىمىر كۇزنېتسوۋ ۋە ئالېكسى ستولياروۋ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون، ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بورىس جونسون، ئەنگلىيەلىك داڭلىق پوپ ناخشىچىسى ئېلتون جون، شاھزادە خاررىي قاتارلىق كىشىلەرنىمۇ ئەخمەق قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر