ئامېرىكا ئالەم ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى قۇرىدۇ

ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتاي ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتلىرىگە قارشى ئالەم ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى قۇرىدۇ.

1909549
ئامېرىكا ئالەم ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى قۇرىدۇ
abd bayrak beyaz saray.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان ئارمىيەسى(INDOPACOM)  قۇرىدىغان ئالەم ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى، خىتاي ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتلىرىگە قارشى ئامېرىكانىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.

ئالەم ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تۇنجى ئالەم ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان ئارمىيەسى تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، يېڭى ئامېرىكا ئالەم ئارمىيەسى ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئەتە (23-نويابىر) ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا تونىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا ئالەم ئارمىيەسى 2019-يىلى دېكابىردا «دۆلەتنىڭ ئالەمدىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش، ئالەم ھۇجۇملىرىنى توسۇش ۋە ئالەم ھەرىكەتلىرىنى ئىجرا قىلىش» ۋەزىپىلىرى بىلەن قۇرۇلغان ئىدى.

ئالەمدىن كەلگەن تەھدىتلەر ئارىسىدا، قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بار.

ھىندى-تىنچ ئوكيان ئالەم ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ، ئامېرىكانىڭ رايوندىكى دۆلەتلەردىن كېلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى بايقاش ۋە توسۇش قاتارلىق مۇداپىئە مېخانىزملىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس گرىنفىلد (Linda Thomas-Greenfield) شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ يىل (2022) ئىچىدە ھەر خىل تىپتىكى 63 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر