كولومبىيەدە ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى
كولومبىيەنىڭ مېدېللىىن شەھىرىدە كىچىك تىپتىكى بىر ئايروپىلاننىڭ ئولتۇراق رايونىغا چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1909153
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە ئەترەتلىرى، ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن 6 سىنىڭ يولۇچى، 2 سىنىڭ ئايروپىلان خادىمى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
قازا نەتىجىسىدە 4 ئۆيدە زىيان كۆرۈلدى.
مېدېللىن شەھەر باشلىقى دانىيال كۋىنتېرو، ئايروپىلاننىڭ ئولايا ھېررېرا ئايرودۇرۇمىدىن قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا موتوردا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە قونۇش ئۈچۈن قايتىش جەريانىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.