ئېلون ماسك دونالد ترامپنىڭ تاقىۋىتىلگەن تۋىتتېر ھېسابىنى ئاچىدىغان بولدى
ئېلون ماسك سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تاقىۋىتىلگەن تۋىتتېر ھېسابىنى قايتا ئاچىدىغان بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى تۋىتتېرنىڭ يېڭى خوجايىنى ئېلون ماسك، 2021 - يىلى 6 - يانۋاردا يۈز بەرگەن پالاتاغا بېسىپ كىرىش ۋەقەسىدىن كېيىن تاقىۋىتىلگەن دونالد ترامپنىڭ تۋىتتېر ھېسابىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئېلون ماسك 18 - نويابىر «تىرامپنىڭ ھېسابىنى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەكمۇ؟» دېگەن سوئال بىلەن تىۋىتتېردا راي سىناش باشلىدى.
ئېلون ماسك راي سىناش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، %52 ئابونتنىڭ «ھەئە» دەپ بېلەت تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلون ماسك: «خەلق سۆزىنى قىلدى، ترامپ قايتىپ كېلىدۇ» دېگەن ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلەپ، «خەلقنىڭ ئاۋازى، تەڭرىنىڭ ئاۋازىدۇر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان لاتىنچىدىكى «Vox Populi, Vox Dei» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتى.
تۋىتتېر 2021 - يىلى 6 – يانۋاردا يۈز بەرگەن پالاتاغا بېسىپ كىرىش ۋەقەسىدىن كېيىن، 2021 - يىلى 9 - يانۋاردا سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ھېسابىنى مەڭگۈلۈك توڭلاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.