نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

نىگېرىيەنىڭ پلاتېئۇ ئۆلكىسىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 18 ئادەم قازا قىلدى.

1907309
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرى، موتوسىكلىتلىق قوراللىق ھۇجۇمچىلارنىڭ پىلاتېئۇ ئۆلكىسىنىڭ مايكاكو رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ، 18 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

نىگېرىيە ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت دېرىكتورى ئالفرېد ئالابو بايانات بېرىپ، ھۇجۇمدا يارىلانغانلارنىڭ دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى، نەق مەيدانغا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يېقىندىن بۇيان كۆپىيىپ قالغان موتوسىكلېتلىكلار ھۇجۇملىرى يۈزىسىدىن نىگېرىيەنىڭ بەزى ئۆلكىلىرىدە موتوسىكلېتقا مىنىش چەكلەنگەنىدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر