گۇتېررېس: ئاشلىق كېلىشىمىنى يېڭىلاش كېرەك

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس قارا دېڭىز ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمىنى يېڭىلاش ئۈچۈن توسقۇنلۇقلارنى يوقىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1906455
گۇتېررېس: ئاشلىق كېلىشىمىنى يېڭىلاش كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس G20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ G20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ھالقىلىق پەيتتە ئېلىپ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشنىڭ قىممەتچىلىكى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاچارچىلىق ۋە كەمبەغەللىكنى ئازايتىش، سىجىل تەرەققىياتقا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ئىقتىسادقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، دۇنيانىڭ نۇرغۇن رايونلاردىكى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئاچارچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ قارا دېڭىز ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى ئۈستىدە توختىلىپ، كېلىشىمنىڭ ئاشلىق بازارلىرىنى مۇقىم قىلىشقا ۋە يېمەك-ئىچمەك باھالىرىنىڭ چۈشۈشىگە ھەسسە قوشقانلىقىنى، كېلىشىمنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭىلىنىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«رۇسىيەنىڭ ئاشلىق ۋە ئوغۇتىنى ئېكسپورت قىلىشنىڭ ئالدىدىكى توسقۇنلۇقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا ياخشى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى. تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ۋە باشقا قالغان توسقۇنلۇقلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر