رۇسىيە خېرسوندىن پۈتۈنلەي چېكىندى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىىنستىرلىقى خېرسون شەھىرىدىكى مۇداپىئە ئالدىنقى سېپىدىن پۈتۈنلەي دنىپرو دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىغا چېكىنگەنلىكلىرىنى، دەريانىڭ ئوڭ قىرغىقىدا ھەربىي قىسىملارنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1905455
رۇسىيە خېرسوندىن پۈتۈنلەي چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوۋ رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ 24-فېۋرال باشلانغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدىكى ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ خېرسوندىن چېكىنىش قارارى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۈگۈن (11-نويابىر) ئەتىگەندىن باشلاپ رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ دنىپرو دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىغا چېكىنىشى ئاخىرلاشتى. دەريانىڭ ئوڭ قىرغىقىدا ھەربىي قىسىملار قالمىدى» دېدى.

ئۇ چېكىنش جەريانىدا ھېچقانداق ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى ياكى باشقا ۋەقەلەرنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، دنىپرو دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدا قالغان پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر ياردەملەرنىڭ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرى ئىلگىرى تەييارلانغان مۇداپىئە سەپلىرىگە ۋە لىنيەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى» دېدى.

خېرسون، ئۇكرائىنانىڭ دونېتسك، لۇخانسك ۋە زاپورىژيا رايونلىرى بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ 30-سېنتەبىر (2022) ئىمزالىغان قارارنامەلەر بىلەن قانۇنسىز ھالدا قوشۇۋېلىنغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر