ب د ت تالىبانغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشى، تالىبانلارنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1905329
ب د ت تالىبانغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە سۇنغان قارار لايىھەسى 193 ئەزالىق ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىن زالىدا ئاۋازغا قويۇلدى؛ تالىبانلارنىڭ باشتا ئافغانىستان خانىم – قىزلىرى بولۇپ، ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىقى، ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ھۆكۈمەت قۇرالمىغانلىقى، شۇنداقلا دۆلەتنى ئىقتىسادىي، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىجتىمائىي شارائىت جەھەتتە ئىنتايىن ناچار ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان قارار لايىھەسى، 116 دۆلەتنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى.

رۇسىيە ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون دۆلەت بېلەت تاشلاشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

قارار لايىھەسىدە، كىشىلىك ھوقۇققا تولۇق ھۆرمەت قىلىش ۋە ئاياللارنىڭ تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى.

ئافغانىستان خانىم – قىزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان لايىھەدە، تالىباندىن كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشنى چەكلەيدىغان سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرنى بىكار قىلىشى تەلەپ قىلىندى.

2021 - يىلى 15- ئاۋغۇست تالىبان ھۆكۈمەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئاياللارنىڭ خىزمەت ھاياتى، مائارىپ ۋە باشقا بىر قىسىم ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى مەشغۇلاتلىرىغا توسالغۇ پەيدا قىلىشى خەلقئارانىڭ نارازىلىقىنى  قوزغىماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، تالىبان ھۆكۈمىتى 6-سىنىپتىن كېيىن قىزلارنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇشىنى بىكار قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئافغانىستانلىق نۇرغۇن قىزلار مەكتەپلەرگە بارالمايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر