ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى فىرانسۇز دىپلوماتلارغا بېرىۋاتقان دىپلوماتىك ئىمتىيازنى بىكار قىلدى

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، 1960-يىلى 13- ئاۋغۇستتىن بۇيان فىرانسىيە باش ئەلچىلىرىگە بېرىپ كېلىۋاتقان «دائىمىي باش ئەلچى» ئۇنۋانىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

1904804
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى فىرانسۇز دىپلوماتلارغا بېرىۋاتقان دىپلوماتىك ئىمتىيازنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى تاراتقۇلىرىنىڭ دىپلوماتىك مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىلۋىي بايپو تېمون فىرانسىيەلىك مەنسەپدىشى كاتېرىن كولونناغا فىرانسىيەگە بېرىلىۋاتقان «دائىمىي باش ئەلچى» ئۇنۋانىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

فىرانسىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان 1960 - يىلىدىن باشلاپ، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ بانگۇي شەھىرىدە تۇرۇشلۇق فىرانسىيە باش ئەلچىسىگە مەڭگۈلۈك «دائىمىي باش ئەلچى» ئۇنۋانى ئاپتوماتىك ھالدا بېرىلەتتى.

فىرانسىيە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارىژدىكى باش ئەلچىسىگە دىپلوماتىك ئىمتىياز بېرىشىنى تەلىپىنى نەزەر ساقىت قىلىپ كەلگەنىدى.

فىرانسىيە، 2021-يىلى 7- ئىيۇن فىرانسىيەگە قارشى سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان ھەربىي كېلىشىملەرنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويغان ۋە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە پايتەخت بانگۇيدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەربىي ئەترىتىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر