ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋاشىنگوندا كۆرۈشتى

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزويان، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېننىڭ ساھىبخانلىقىدا ۋاشىنگتوندا كۆرۈشتى.

1903705
ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋاشىنگوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئۆتكەن ئاي نيۇيوركتا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى جەريانىدىكى ئۇچرىششىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىش ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى، بىز بۇنى قوللىغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمىز. ئامېرىكا ئەرمېنىيە ۋە ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كۈچلۈك قوللايدۇ» دېدى.

قاراباغدىكى 30 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان توقۇنۇشلارنىڭ ئادەم ۋە ماددىي بەدەللىرىنىڭ بولغانلىقىنى، چوڭقۇر جاراھەت ئىزلىرىنى قالدۇرغانلىقىنى تىلغا ئالغان بلىنكېن: «لېكىن، نۆۋەتتە بىزنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىز، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆتمۈشنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا تاشلىغان ھەقىقىي مەنىدىكى جاسارەتلىك قەدەملىرىدۇر. ھەر ئىككى دۆلەت بۇ مەقسەتتە بىر يەرگە جەم بولۇپ، جەنۇبىي كاۋكازنىڭ تىنچلىق ئىچىدىكى پارلاق كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر