بايدىن: ئىراننى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىراننى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1902188
بايدىن: ئىراننى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىمىز
biden.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 8 – نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت مەجلىسى ئارا سايلاملىرى ھارپىسىدا، كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دېموكراتلار پارتىيەسى پائالىيىتىدە قىلغان سۆزىدە، ئىراندا ماھسا ئەمىنىنىڭ نازارەت ئاستىدا ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن باشلانغان ۋە تەخمىنەن 50 كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ، نۇتۇقى ئەسناسىدا، قوللىغۇچىلىرىنىڭ يانفۇنلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، «ئەركىن ئىران» سىگنالى بېرىشىگە قارىتا،  «خاتىرجەم بولۇڭلار، ئىراننى ئەركىنلەشتۈرىمىز، ئۇلار پات يېقىندا ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ» دېدى.

ئىران پايتەختى تېھراندا، 22 ياشلىق ماھسا ئەمىنىنىڭ 16 – سېنتەبىر (2022) كۈنى نازارەت ئاستىدا ئۆلۈپ كېتىشى، دۆلەت مىقياسىدا تېھران ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر