شىمالىي كورېيە 10 باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى شىمالىي كورېيەنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 10 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1900983
شىمالىي كورېيە 10 باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى شىمالىي كورېيەنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 10 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ۋونسان قاتارلىق رايونلاردىن قويۇپ بېرىلگەن ئەڭ ئاز دېگەندە 10 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ، شىمالىي كورېيەنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي ساھىللىرىغا چۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دېڭىز چېگراسىنىڭ جەنۇبىغا چۈشكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، سىناقلارنىڭ «چىدىغۇسىز دەرىجىدە» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «كورېيە يېرىم ئارىلى بۆلۈنگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى، جەنۇبىي كورېيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە چۈشتى» دېيىلدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يۇن سۇكيېئول دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، «ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنىڭ بەدىلى» ئۈچۈن شىمالىي كورېيەگە قارشى جەسۇرلۇق بىلەن كەسكىن تەدبىرلەرنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

ياپونيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ھامادا ياسۇكازۇ ياپون دېڭىزى تەرەپكە ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ياپونىيە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ سىرتىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى ئارقىلىق پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىگە ئۇلتىماتوم تاپشۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ، بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان ۋە «F35» ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 240 ئايروپىلان قاتناشتۇرۇلغان ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرىغا توغرا كېلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر