ئولاف شولز ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشتى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1900368
ئولاف شولز ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ستېففېن خېبسترېيىتنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، باش مىنىستىر شولز زېلېنسكىي بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىناغا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىدىن باشقا يەنە، قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن كونكرېت ياردەملەرنى بېرىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

شولز يەنە، رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئاممىۋى ئۇل- ئەسلىھەلەرنى بىۋاسىتە ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

باياناتتا، شولزنىڭ رۇسىيە ئىلگىرى سۈرگەن «ئۇكرائىنا مەينەت بومبا ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئاساسىز ئەيىبلەشكە كەسكىن تىل بىلەن رەددىيە بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ھەمدە ئۇكرائىنادا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگېنى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈشىنىڭ بارلىق گۇمانلارنى يوقىتىدىغانلىقى ھەققىدە شولز بىلەن زېلېنسكىينىڭ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ يەر شارى ئاشلىق ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھىمايىسىدە ئىجرا قىلىنىشى ۋە ئۇزارتىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىقتا بولغانلىقى ھەمبەھىرلەندى.

باياناتتا، شولز بىلەن زېلېنسكىينىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىدىن باشقا يەنە، ئۇكرائىناغا قىلىشقا بولىدىغان ھەر خىل ياردەم ئىمكانىيەتلىرىنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكى، ئىككى رەھبەرنىڭ ئىجابىي مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە قويۇق ئالاقىدە بولۇشقا كېلىشكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

رۇسىيە قىسىملىرى 24 - فېۋرالدا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر