پۇتىن، ئەلىيېۋ ۋە پاشىنيان ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان سوچىدا ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1900267
پۇتىن، ئەلىيېۋ ۋە پاشىنيان ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان سوچىدا كۆرۈشۈپ، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان ھۆججەتكە ئىمزا قويۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

پۇتىن، ئۇچرىشىشنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ كەلگۈسى كېلىشىملەر ئۈچۈن پايدىلىق مۇھىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، «راستىنى ئېيتقاندا، بىز ھەممىنى ماقۇللىمىدۇق، مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەسلەپكى لايىھەدىكى بەزى نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىشىمىزغا توغرا كەلدى. شۇنداقتىمۇ، بۇ قەدەم ۋەزىيەتنى ئومۇمىي جەھەتتىن ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى ھەرىكەتلەرگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، «رايوننىڭ سىجىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاشقا ئاكتىپ تەييارلىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقى»نىڭ تەكىتلەپ ئۆتۈلگەنلىكى، ئۆزئارا قوبۇل قىلىنىدىغان ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا، ئەلىيېۋ بىلەن پاشىنياننىڭ، رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي كاۋكاز رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە شۇنداقلا مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشىغا تۆھپە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

رەھبەرلەرنىڭ سوچىدىكى ئۇچرىشىشىغا پاراللېل ھالدا رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سېرگېي لاۋروۋ، جەيھۇن بايراموۋ ۋە ئارارات مىزويانمۇ ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئاچتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر