پ ك ك ئەزاسى تېررورچى تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى بىر تېررورچىنىڭ قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، ئالجىرىيەدىن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1900635
پ ك ك ئەزاسى تېررورچى تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ساقچى ئىستىخبارات باشقارمىسىنىڭ ھەمكارلىىشىشى بىلەن مۇش ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، يەنە بىر تېررورچىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەزكۇر تېررورچىنىڭ، ئالجىرىيەدىن ئالاھىدە ئەترەت تەرىپىدىن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت ئىشلەش نەتىجىسىدە، دۆلىتىمىزگە كەلتۈرۈلگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسىنىڭ، 2016 – يىلى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى ۋە ئاخىرىدا سۈرىيەدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.»

شۇنىڭ بىلەن، قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، بۇ يىل (2022) كىرگەندىن بۇيان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ سانى 107 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر