كوگىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

نىگېرىيەنىڭ كوگى ئۆلكىسىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئالتە ئادەم قازا قىلدى.

1900565
كوگىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېگىرىيە تاراتقۇلىرى، موتسىكلىت مىنىۋالغان قوراللىق كىشىلەرنىڭ كوگى ئۆلكىسىنىڭ ئاقپانيا رايونىدا ئەتراپقا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، ئالتە ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كوگى ئۆلكىلىك دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مەسلىھەتچىسى، قوشۇمچە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى جېررىي ئومودارا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يېقىندىن بۇيان كۆپىيىپ قالغان موتوسىكلېتلىكلار ھۇجۇملىرى يۈزىسىدىن نىگېرىيەنىڭ بەزى ئۆلكىلىرىدە موتوسىكلېتقا مىنىش چەكلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر