بىرازىلىيەدە بولسونارونىڭ دەۋرى ئاخىرلاشتى

بىرازىلىيەدە پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا، %50.83 ئاۋازغا ئېرىشكەن سابىق پىرېزىدېنتلاردىن لۇئىز ئىناسىيو لۇلا دا سىلۋا غەلبە قىلدى.

1899832
بىرازىلىيەدە بولسونارونىڭ دەۋرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بىرازىلىيە ئالىي سايلام مەھكىمىسى ئېلان قىلغان سانالغان %98.9 سايلام بېلەتلىرىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، لۇلا %50.83، بولسونارو %49.17 ئاۋازغا ئېرىشكەن.

بىرازىلىيە ئالىي سايلام مەھكىمىسى سانالمىغان بېلەتلەرنىڭ سايلام نەتىجىسىگە تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىككى نۆۋەت پىرېزىدېنت بولغان لۇلا، %2 لىك پەرق بىلەن پىرېزىدېنت بولدى. ئۇ پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى بولسونارودىن 1-يانۋار (2023) ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.

لۇلا 2003-يىلدىن 2010-يىلغىچە ئىككى نۆۋەت پىرېزىدېنت بولغان ئىدى. ئۇ بۇ يىل 77 ياش. ئۇ ئىلگىرى چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 1 يېرىم يىل تۈرمىدە ياتقان ۋە دېلو بىكار قىلىنغاندىن كېيىن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتناشقان.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر