سېنتەبىردە ئىستانبۇلغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى %64 ئاشتى

ئىستانبۇلغا سېنتەبىردە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %64 ئېشىپ، 1 مىليون 607 مىڭ 45 كە يەتتى.

1899564
سېنتەبىردە ئىستانبۇلغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى %64 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 9 ئاي ئىچىدە ئىستانبۇلنى 11 مىليون 787 مىڭ 834 ساياھەتچى زىيارەت قىلغان.

ئىستانبۇلغا سېنتەبىردە 1 مىليون 607 مىڭ 45 ساياھەتچى كەلگەن. ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش ئېيىدا 975 مىڭ 916 ساياھەتچى كەلگەن. بۇنىڭغا ئاساسلاندا، سېنتەبىردە ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 2021-يىلىنىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %64 ئاشقان.

سېنتەبىردە ئىستانبۇلغا كەلگەن ساياھەتچىلەر ئارىسىدا 170 مىڭ 230 كىشى بىلەن رۇسىيەلىكلەر بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن قالسا، گېرمانىيە 114 مىڭ 439 ساياھەتچى، ئىران 110 مىڭ 539 ساياھەتچى، ئامېرىكا 77 مىڭ 39 ساياھەتچى، ئەنگىلىيە 58 مىڭ 28 ساياھەتچى، سەئۇدى ئەرەبىستان 53 مىڭ 804 ساياھەتچى، ئىراق 50 مىڭ 244 ساياھەتچى، فرانسىيە 42 مىڭ 798 ساياھەتچى، ئىسرائىلىيە 41 مىڭ 177 ساياھەتچى، كۇۋەيت 34 مىڭ 282 ساياھەتچى، ئىئوردانىيە 33 مىڭ 969 ساياھەتچى ، ئىتالىيە 33 مىڭ 277 ساياھەتچى ، ئۆزبېكىستان 33 مىڭ 64 ساياھەتچى، ئەزەربەيجان 31 مىڭ 140 ساياھەتچى، قازاقىستان 31 مىڭ 78 ساياھەتچى بىلەن رەتكە تېزىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر