ئىران ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ ئېمبارگولىرىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسىر كەنئانى، تېھراننىڭ ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ ئېمبارگولىرىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1899380
ئىران ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ ئېمبارگولىرىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران، ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ ماھسا ئەمىنىنىڭ نەزەربەندتە ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن دۆلەت مىقياسىدا باشلانغان نامايىشلار دائىرىسىدە يۈرگۈزگەن جازالىرىغا، مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ پۇقرا ۋە تەشكىلاتلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسىر كەنئانى ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ تېھرانغا يۈرگۈزگەن ئەڭ يېڭى ئېمبارگولىرى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ: ئامېرىكا ۋە كانادادىكى «تېررورىزم ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللايدىغان، ئىران خەلقىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان زوراۋانلىق ۋە ئۆچمەنلىكلەرنى تارقىتىدىغان» شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا جازا مېخانىزمى رامكىسى ئىچىدە قارشى تەدبىر سۈپىتىدە جازا يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەھسا ئەمىنى ئىسىملىك بىر قىزنىڭ 9-ئاينىڭ 16-كۈنى تېھراندىكى بىر قاماقخانىدا ئۆلۈپ كېتىشى ئىران مىقياسىدا نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر، ئىران ساقچىلىرىنىڭ ماھسا ئەمىنى نامايىشلىرىدىكى باستۇرۇش، تارقاقلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئەيىبلەپ، ئىراندىكى بىر قىسىم بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋە «ئۇچۇر بۇلغاش» بىلەن شۇغۇللانغان دۆلەت تاراتقۇلىرىغا جازا يۈرگۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر